باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 1 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ۋە 2 -تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلىدىغان پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىستىلنى ياخشىلاش ئۈنۈمىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2014.01.22 08:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش ۋە 2 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلىدىغان پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 20 - يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، 1 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلغان تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەپ، 2 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇلىدىغان تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»غا قارشى تۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەردىن تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئۈنۈمىنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلىپ، ئامما رازى بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ناھىيە دەرىجىلىك ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرىغىچە ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، «تۆت خىل ناچار ئىستىل»نىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتى تىزگىنلىنىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ئاممىۋى لۇشيەننىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ۋە قاتتىق چەكلىمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى. تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ئامما تولۇق ئېتىراپ قىلدى، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكىلەر ئىجابىي باھا بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى مەركەزنىڭ ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پائالىيەتنى ئوچۇق - ئاشكارا قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئىشنى ئاشكارا باشلاپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، پائالىيەتتە شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغانلىقىمىزدا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئالدىمىزغا قويۇلغان زور تېما. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلاندى. ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر بولۇپ، جەزمەن تەربىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى تەڭ تۇتۇشىمىز، ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراشنى ئىدىيەمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز، ھەرىكىتىمىزدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. غايە - ئېتىقاد كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى بولۇپ، چوقۇم ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ «باش ئۇلىغۇچ» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، شۇڭا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوقۇم نۇقتىلىق ھەل قىلىشىمىز، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي كۈچلەرنى توپلىشىمىز كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي چاڭ - توزان ۋە سىياسىي مىكروبلارنى تازىلاشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئارقىلىق پارتىيە ئىچى تۇرمۇشىنى قاتتىق باشقۇرۇشىمىز، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئەستايىدىل بولۇش پارتىيەمىزنىڭ تۈپ خىزمەت پوزىتسىيەسى بولۇپ، چوقۇم شەخسىيەتسىز، دادىل بولۇشىمىز، ئەستايىدىل بولۇش روھىنى پارتىيە ئىچى تۇرمۇشى ۋە ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم. 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئەمما ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىق ھەرگىزمۇ ئاخىرلىشىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، كېيىنكى باسقۇچتا يەنە نۇرغۇن خىزمەتنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىستىل مەسىلىسى جاھىل ۋە تەكرارلىققا ئىگە، بىر قېتىم ئەجىر قىلىپ ياخشى ئىستىلنى بىراقلا ئەۋج ئالدۇرغىلى بولمايدۇ، ناچار ئىستىلنىمۇ بىراقلا تۈزگىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىكى تەجرىبىلەردىن مەلۇمكى، ئىستىل تۈزەشنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويغانلىقتا. تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قەرەلى بولىدۇ، ئەمما ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش توختاپ قالمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، باش تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، نەزەر دائىرىسىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەينەككە قاراش، ئۈستبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسىلىنى داۋالاش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق ئۆلچەم، كەسكىن تەدبىر، چىڭ ئىنتىزام بىلەن«تۆت خىل ناچار ئىستىل»غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىشلەيدىغان ئوبراز تىكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە قانات يايدۇرۇشىمىز، پائالىيەتنى ئاشكارا قانات يايدۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر ھالقا، ھەر بىر خىزمەتكە ئاممىنى قاتناشتۇرۇش، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئاممىغا باھالىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلىلەرنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئىشلەپ، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاممىغا ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆرسىتىشىمىز، پۇقرالارغا پايدىلىق ئىش بولىدىكەن قانچە كىچىك ئىش بولسىمۇ قىلىشىمىز، پۇقرالارغا زىيانلىق ئىش بولىدىكەن كىچىك بولسىمۇ تۈگىتىشىمىز، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، دەرھال يولغا قويۇپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش، ئاممىنىڭ مال - مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىرىنى دەرھال ھەل قىلىشىمىز كېرەك. قاتتىق تەلەپ قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە، تۈزەشتە، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىشتە قاتتىق بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇلاش، تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇلىدىغان ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، بەزى مەسىلىلەرنى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى 1 - تۈركۈمدە قانات يايدۇرغان ئورۇنلار مەنبەدىن ھەل قىلىشى ياكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئەستايىدىل ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە 1 - تۈركۈمدە قاتناشقان ئورۇنلار تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشى، ئالدى - كەينىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، كونكرېت ۋەزىپە ۋە يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك، بىپەرۋالىق قىلىشقا، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇشى، ساھە، سىستېمىلار يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كۆزنەكلىك ئورۇنلار، مۇلازىمەت ساھەلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت كۈچەش نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كونكرېت زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەشكە كۈچىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردىن ناھىيەنى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ تاللايدۇ. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە يېتەكلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭ تۇتۇشى كېرەك. تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، تۈرلەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، «بۇلۇڭ - پۇشقاقلار»نى قالدۇرۇپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈلگىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، بىر - بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولماسلىق، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پائالىيەتنىڭ ئەستايىدىل، كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. سۆزنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1 - تۈركۈمدىكى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى پائالىيەتتە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىستىل، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر