باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما پولشانى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىدۇ دېدى

2014.06.05 09:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پولشا زۇڭلىسى تۇسك بىلەن ۋارشاۋادىكى پولشا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. ئوباما شۇ كۈنى ۋارشاۋاغا يېتىپ كېلىپ پولشادا قىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3-چېسلا ۋارشاۋاغا يېتىپ كېلىپ پولشادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. پولشا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوباما ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئوباما شۇ كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋسكى بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشتى. پولشا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئوباما بىلەن كوموروۋسكى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئوباما بىلەن كوموروۋسكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئوباما مۇنداق دېدى: پولشا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋە دوستلىرىنىڭ بىرى، پولشانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئامېرىكا-پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورتاق ئۇلتېشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئامېرىكا ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ھەربىي مانىۋېرنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر