خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 9 مىليون 390 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، 2013-يىلدىكىدىن 270 مىڭ كۆپىيىپ، %3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر 260 مىڭ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر 110 مىڭ، يېزا نوپۇسلۇقلار 170 مىڭ كۆپەيگەن، تەكرار ئوقۇغانلار 100 مىڭ ئازايغان. 28 ئۆلكىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ شۇ جايدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 56 مىڭ ئوقۇغۇچى ياقا يۇرتتا ئىمتىھان بېرىدىكەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى