خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن، ئەنگىلىيە دۆلەت كوماندىسى مېئامىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپ، رازىلىيەدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقىلى ماڭدى. بىراق توپچىلار بىر كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ ئۆزىلىرىنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقىنى بايقاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنىشى باشقا توپچىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەنگىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي توپچىلىرى بۇ ساختىپەزنى بايقىغاندىن كېيىن، باشتا قاتتىق ھەيران قالغان، ئاندىن ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتكەن. نەقمەيداندىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە ئامانلىق خادىملىرىمۇ تېزلا بۇ ساختىپەزگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنى تېزلا نەقمەيداندىن ئېلىپ كەتكەن.
ئەسلىدە بۇ ساختىپەز لى نىرسېن ئىسىملىك كومىدىيە ئارتىسى بولۇپ، ئىلگىرى «جەيسېن بېنت» توپچىلار ئوبراز ۋەكىلى بولغان ھەمدە، ئىلگىرى توپ مەيدانىغا سوقۇنۇپ كىرگەن تارىخى بولغانىكەن.
مەنبە: خەلق تورى