باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئاۋىستىرالىيىلىك 93 ياشلىق موماي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى

2014.05.06 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹ئاۋىستىرالىيىلىكلەر› گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، سېدنىي شەھىرىدىكى 93 ياشلىق موماي-ئېلزابىت. كېربىك يېقىندا ئۆزىنىڭ 100 خەتلىك ماقالىسى بىلەن سېدنىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ موماي ئاۋىستىرالىيىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بولغان دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالغانىكەن.

  خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەن بۇ ئاۋىستىرالىيىلىك موماي-ئېلزابىت. كېربىك بولسا سېدنىي شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى دەل 93 ياشقا كىرگەنىكەن. بۇ موماينىڭ ھازىر 3 پەرزەنتى ۋە تۆت نەپەر نەۋرىسى شۇنداقلا بىر تال چەۋرىسى بار ئىكەن.

  ئىگەللىنىلىشىچە، ئېلزابىت ئىسىملىك بۇ موماي ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى داڭلىق سوپۇن تىياتىرى ئارتىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئەينى يىللاردا قىزىق نۇقتا بولۇپ قويۇلغان ‹96-نۇمۇر› قاتارلىق بىر يۈرۈش تېلىۋىزىيە فىلىملىرىگە چىققانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ موماي 1981-يىلى ئاۋىستىرالىيە يېڭى ۋېلىس ئۆلكىلىك پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىكەن شۇنداقلا يەنە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ئوردېنىغا ئېرىشكەنىكەن. 1998-يىلى، 73 ياشقا كىرگەن ئېلزابىت خىزمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان بولۇپ، ئاۋىستىرالىيىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا قايتىپ تېنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغانىكەن. نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئاۋىستىرالىيە پايتەختى سېدنىيغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا يەنە داۋاملىق كۆپلىگەن بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشنى قارار قىلغانىكەن. كەينىدىن ئېلزابىت موماي ئاۋىستىرالىيىنىڭ چاۋېست ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا باشلىغان ھەم 2008-يىلى 87 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن بۇ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ سەنئەت پەنلىرى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىكەن، كەينىدىن يەنە بۇ يەردە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنىمۇ ئالغانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر