باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كەمتۈك باش سۆڭىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئەر

2014.04.30 23:55   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كەمتۈك باش سۆڭىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئەر

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27 – ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئەر چارلىز 2012 – يىل تايلاندتا ساياھەت قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز مېھمانخانىنىڭ 2 – قەۋىتىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سول تەرەپتىكى باش سۆڭىكى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتكەن. دوختۇر ئۇنىڭ بېشىغا باش سۆڭىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر خىل تۆمۈردىن ياسالغان نەرسىنى تىكىپ قويغان. 16 ئاي كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ئارقىلىق، ھازىر بۇ ئەرنىڭ باش سۆڭىكى مۆجىزىلەرچە ئەسلىگە كەلگەن، بۇ ئەر ھازىر ئۆزىگە بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تېپىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، 32 ياشلىق چارلىز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى رېمونتچىسى بولۇپ، خاتفور شتاتىدىن . 2012 – يىل ئۇ يىقىلىپ چۈشكەندە ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغان، دوختۇرلار كېچە كۈندۈز قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالغان. ئوپېراتسىيە جەريانىدا دوختۇرلار ئامالسىز ھالدا ئۇنىڭ چېقىلىپ كەتكەن باش سۆڭىكىنى ئېلىۋېتىپ، مېتال ئارقىلىق سۈنئىي ئۇسۇلدا باش سۆڭەك ياساپ قويغان. ئىگىلىنىشىچە دوختۇرلار زامانىۋى 3Dتېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سۈنئىي باش سۆڭىكى بىلەن ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ %100 ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئىكەن.

  ئۆزىنىڭ ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشتەك قورقۇنچلۇق كەچمىشىنى تىلغا ئالغاندا، چارلىز ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ناۋادا ئۇ ئۆلۈپ قالغان بولسا ئاتا ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ ئازابقا قانداق بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىنى ئۇ ئويلاپ يېتەلمىگەن. ھازىر ئۇ داۋاملىق ئوبدان ياشاشنىلا ئويلايدىكەن، ھەمدە بىر چىرايلىق خوتۇن ئېلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …
      ·كورلا شەھىرىدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرىلەندى(1)
      ·كورلا يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ئۈزگەن بالىلار باغچىسىدا بالىلارنىڭ «ئانا تىل» دا ھېكايە ئېيتى…
      ·كورلا شەھىرى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق «مەرىپەت لوڭقىسىنى تالىشىش…
      ·«ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئىشىكتىن كىرىش» قىلمىشىنى تۈگىتىشتە، توسۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ
      ·قىرغىزىستان تۇرمۇشىدىكى جۇڭگوچە ئىستېمال 
      ·ئۇنۋان چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى قاچان ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟ 
      ·ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ماقۇللىدى