باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنى قوراللىق چارلايدۇ، تاساددىپىي ھادىسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ماشىنىسى مۇداپىيەدە تۇرىدۇ

2014.06.05 09:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى باشلىنىدۇ، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پۈتۈن شەھەردىكى يۈزدىن ئارتۇق ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، شىچېڭ رايونى، داشىڭ رايونى قاتارلىق ناھىيە ۋە رايونلار قوراللىق تاساددىپىي ھادىسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ماشىنىلىرىنى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا مۇداپىيەدە تۇرغۇزۇپ، تاساددىپىي ۋەقەرلەرنى بىرتەرەپ قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدۇ. ھەرقايسى ناھىيە ۋە رايونلار ئىمتىھان ئالدىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى ساقچىلارنى كۆپەيتىدۇ، خەلق ساقچىلىرى قوراللىق چارلايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ساقچى تەرەپ يەنە خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى چىقاردى، خەيديەن رايونى ئېھتىياتسىزلىقتىن كىملىكىنى يوقىتىپ قويغانلار ئۈچۈن يېشىل كارىدور ئېچىپ بېرىدۇ، داشىڭ رايونى مەخسۇس خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ماشىنىسى سەپلەپ، كېچىكىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر