باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسپانىيەدە تۈمەنلىگەن خەلق بېلەش تاشلاش ئارقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ كەلگۈسىنى قارار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.06.04 09:10   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئىسپانىيەدە تۈمەنلىگەن خەلق بېلەش تاشلاش ئارقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ كەلگۈسىنى قارار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

  ئىسپانىيە ‹‹دۇنيا گېزىتى››نىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى راجوي ئىسپانىيە پادىشاھى جۇئان كارلوس I نىڭ تەختتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئىش ئىسپانىيەدە پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ مەۋجۇد بولۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان. 2-ئىيۇن كەچتە، ئىسپانىيەدىكى تۈمەنلىگەن خەلق كوچىلارغا چىقىپ، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاپ، ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقىنى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

  شۇ يەر ۋاقتى 2-ئىيۇن كەچ سائەت 8:00 دە، ئىسپانىيەدىكى تۈمەنلىگەن خەلق مادرىد، بارېسلونا، ۋالېنسىيە، پارما قاتارلىق شەھەرلىرىدە نامايىش قىلغان. نامايىش نىسبەتەن تىنچ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. ئىسپانىيە خەلقى كوچىلارغا چىقىپ، پادىشاھ جۇئان كارلوس I بىلەن خوشلاشقان، يەنە ئىسپانىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلقنى ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقىنى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تاللىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۆلەت تۈزۈمىنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، شەھەرلەردىكى نامايىشتىن باشقا، ئىسپانىيەدىكى ئىككى چوڭ تور بېكەتمۇ نەچچە سائەت ئىچىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ بېلەت تاشلىغان ئىمزاسىنى ئېلان قىلغان. ئىسپانىيەدىكى ئىشچىلار بىرلەشمىسى پارتىيەسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئۇلار پادىشاھنىڭ دۆلەتتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئەمما ئىسپانىيەدە يەنە پادىشاھلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق كېرەكلىكىنى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

  ئىسپانىيە تارىختا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1-قېتىم 1973-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرغان بولۇپ، پەقەت بىر يىللا دەۋر سۈرەلىگەن، ئارقىدىنلا پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرگەن. 1931-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسپانىيە پادىشاھى تەختتىن چېكىنىپ دۆلەتتىن ئايرىلغان، ئىسپانىيە 2-قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1939-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسپانىيە 2-جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشتا فىرانكو رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچىللار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان، فىرانكو ئارقىدىنلا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىلىدۇ»غا قارىتا، ئىسلاھات لايىھەس…
      ·تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويدى(1)
      ·قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالماسبېك ئاتامبايېف جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ