باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىلىدۇ»غا قارىتا، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ تېخى تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

2014.05.19 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-چېسلادىن باشلاپ، «جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۇ مىڭيۈەننىڭ ئېيتقان ئالىي مەكتەپ ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ 2017-يىلى يولغا قويۇلۇپ، ئىنگلىز تىلىنىڭ بىرتۇتاش ئىمتىھاندىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقى» خەۋىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مۇخبىر 18-چېسلا چۈشتە تېلېفون ئارقىلىق خاڭجوۋدا ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان گۇ مىڭيۈەننى زىيارەت قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىغا بولغان قارىشىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ: ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ۋە يىلدا كۆپ قېتىم ئىمتىغان ئېلىشنى يولغا قويۇش ئىسلاھات يۆنىلىشىدۇر، ھازىر بار بولغان نومۇر بېرىش تۈزۈلمىسىدە ھەر بىر نومۇر بىلەن ھېسابلىشىپ، بىر نومۇر كەملەپ قالسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر لاياقەتسىز بولۇپ كېتىدىغان ھالەت مەۋجۇد، بۇ ئادىل ئەمەس ھەمدە ئىلمىي ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدا دەرىجىلىك نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە كۆپ قېتىملىق ئىمتىھان ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ھېسابلايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ، دېگەن گەپ ئەمەس، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىنگلىز تىلى مائارىپىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرمايدۇ، چۈنكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئىنگلىز تىلى دەرىجىسىگە يەنىلا تەلەپ قويىدۇ. پەقەت ئوخشىمىغان قاتلام ۋە تۈردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەلىپىدە پەرق بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر