خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ھادىسىنى نەقمەيداندا بىرتەرەپ قىلدى
شۇكۈنى سائەت 5دىن 45مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ شياۋساۋخۇ بۆلىكىدە ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى ئارقا-ئارقدىن ئۇرۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر باك ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغان خىمىيەلىك خام ماتېرىيال « بېنزول» چىقىپ كېتىپ، تېز سۈرئەتلىك تاشيول شياۋساۋخۇ بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتناش تىزگىنلەندى.ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۇرپان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ھادىسە يۈز بەرگەن نەقمەيدانغا تېز يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى .خەۋەر بېرىلىپ بولغىچە قاتناش ئەسلىگە كەلدى، تالاپەت كۆرۈلمىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى