باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى مەخسۇس تەكشۈردى

2014.05.20 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، 6 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى 12 ئۆلكە (رايون) گە ئەۋەتىپ گوۋۇيۈەننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، مەكتەپ ئېچىش بايلىقىنى تەكشى تەقسىملىش، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئالاھىدە توپلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشنى ياخشىلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرىدۇ، مەكتەپلەرگە بېرىپ سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پىكىرى، تەكلىپىنى ئاڭلاپ چىقىدۇ. سىياسەت، تەدبىرلەر دەل جايىدا ياخشى ئەمەلىيلەشمىگەن بولسا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر