باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ

2014.05.26 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 22-ماي 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى دوكلاتنى تارقاتتى، بۇ يىل دۆلەت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار مۇتەخەسسلەرنى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن %10 تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان جەريانى پۈتۈنلەي سىنغا ئېلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىمگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى، يېزىق ئىمتىھانى سوئالىنىڭ ماتېرىياللىرى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان سىن ماتىريالى شۇ مەكتەپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. تەنتەربىيە سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر ياكى تەنتەربىيە سەنئەتتە ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا مەكتەپكە كىرىش كەسىپ ئىمتىھانى ئېلىنىپ باھالىنىدۇ. ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە قايتا باھالاشتا ئۆلچەمگە توشمىغان ياكى«ئىسمىنى ئاتاپ قوبۇل قىلىش» قاتارلىق يوللار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش سالاھىيىتى بىردەك رويخەتكە ئېلىنمايدۇ؛ ئوقۇش سالاھىيىتى رويخەتكە ئېلىنغانلىرى قەتئىي بىكار قىلىنىپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى تەكشۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر