باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا

2014.05.19 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى 2017-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئېنگلىزتىلى بىرتۇتاش ئىمتىھاندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ» دېگەن سۆز چۆچەككە قارىتا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ مىي 18-چېسلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى نەچچە ئون مىليونلىغان ئوقۇغۇچى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئىنتايىن مۇھىم، مۇرەككەپ ھەم ئىنتايىن نازۇك ئىش. نۆۋەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىدۇ. «لايىھەدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، دەۋرىيلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكى تولۇق ئويلىشىپ، ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىپ كېڭەيتىش ئاندىن مۇقىم، تەرتىپلىك ھالدا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» شۈ مىي يەنە مۇنداق دېدى: لايىھە بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلان قىلىمىز، «ئۈچ يىل بۇرۇن بىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ چۈشۈنۈشىگە قولايلىق يارىتىمىز.» (ۋۇ جىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر