باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>شىنجاڭ زېمىنىدا>>شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلھاملاندى

2014.06.03 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، ئۇلارغا ئىلھام بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە ئەربابلىرى مۇنداق دېيىشتى: مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  كارخانىلار خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ خۇڭچىن مۇنداق دېدى: بىز ئون مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئىشچى خىزمەتچى تېخىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چوڭ تىپىتىكى تايانچ كارخانا بولۇشتەك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە پائال ئېلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە بۇنىڭغا بويسۇنۇپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دىلمۇرات ئۆمەر مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت زىيالىيلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. بىز ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زېمىننى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز بار، ئۆز خىزمىتىمىزنى ئوبدان ئىشلىشىمىز، دەرسخانىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  قەشقەر ۋىلايىتى يەكۈن ناھىيەسى يەكەن بازىرىدىكى دېھقان ئەخمەت ئەلى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ 1-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە زامانىۋى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىندى. ھەر مىللەت ئاممىسى بۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپ ئالدى. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بۇ يەردىكى دېھقان چارۋىچىلارغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنىڭ كاپالىتى. بىز ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمىز، ھەرقانداق كىشىنىڭ بىزنىڭ ئورتاق يۇرت ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ دۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تەستە كېلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىز مەبلەغ تۈرلىرى ئارقىلىق قوللاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈرلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت 4 بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىلگىرى سۈرۈش قېلىپىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر