باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلارنىڭ شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى %70 تىن تۆۋەن قىلماسلىق توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

2014.06.03 08:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئەڭ يېڭى چىقارغان بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇندىن كېيىن شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەز كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بارلىق كارخانىلار، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ۋە تۈرلۈك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىدە %70 تىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئەمگەك كۈچى شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئەمگەك كۈچىنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس فوندىنى ئورنىتىپ، توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر تۈركۈم «ئوبوروت دەۋرى قىسقا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز» تۈرلەرگە مەدەت بېرىپ، بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا شەھەر يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سىستېمىسى يولغا قويۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە شەھەر يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى يىغىپ تىزىمگە كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل شىنجاڭ 2013-يىلى ئاساسىدا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈلىدىغان كارخانىنى 512 گە كېڭەيتىدۇ، ئىش ئورنىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىمنى 277 مىڭغا يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر