باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتتا كونكرىت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم

2014.06.09 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا كونكرىت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەزىرىمىزنى تەرەقىيات جەريانىدا كېلىپ چىققان زىدىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىپ، مۇقىم ئېىششقا پايدىلىق، قۇرۇلمىسى تەڭشىلىدىغان، خەتەردىن مۇداپىئە كۆرىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئالدىنقى قاتارغا تىزىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ جىدىي، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشيەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ۋە «نۇپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقىلىپ، يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا سۇنۇپ يولغا قويۇش تەكلىپ قىلىندى. يىغىندا « ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلە ھەققىدىكى رامكا پىكىرى»، «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى خىزمىتى لايىھەسى» ۋە « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش لايىھەسى»گە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايون ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى بىر قەدەر چىڭ تۇتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا. نىشاننىڭ قەتئىي بولۇش-بولاماسلىقى ئىسلاھاتنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جايىدا بولۇش-بوماسلىقى ئىسلاھات پىلانىنىڭ ئىشقا ئىشىش-ئاشماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. جايلار ۋە تارماقلار ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى پائال ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى كېرەك. ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەم ماكرولۇق باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئوتتۇرا ۋە مىكرولۇق باشقۇرۇشنىمۇ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. قۇرۇلمىلىق تىرەك رولىنى ئوينايدىغان زور ئىسلاھاتلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساس خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇش لازىم. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەرلىكنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىغا بولغان كونكرىت يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش سىياسىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئۇلىنىش، ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك. ھەرقايسى باشلامچى بولۇۋاتقان ئىدارىلار يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئەمەلىلىششىگە تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەمدىن ئىشقىچە بارلىق ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، نازارەتچىلىك قىلىدىغان، تۈرتكە بولىدىغان، ئىشلەيدىغان ئادەم بولۇش لازىم. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، ھېسابنى سېلىشتۇرۇپ، ئېدىتلاپ، بىرى پۈتسە، بىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، يولغا قويۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر