باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇردى

2014.06.09 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار ساختىلىق قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم جىنايەت شايكىلىرىنى قانۇن بويىچە بىتچىت قىلغان.

  بۇندىن باشقا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قىسمەن ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى ياخشىلاش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق يولغا قويۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى سەمىمىي بولۇپ، ئىمتىھان ئىنتىزامى ۋە ئىمتىھان مەيدانىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، جىنايەت شايكىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىمتىھاندا ياردەم بېرىمىز دېگەن قايمۇقتۇرۇشلىرىغا ئىشىنىپ ئالدىنىپ قالماسلىقى ۋە زىيان تارتماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر