باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىقتىسادىي خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2014.06.09 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ زوڭلىسى لى كېچياڭ 6-ئىيۇن جۇڭنەنخەيدە قىسمەن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىقتىسادىي خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، خېيلوڭجياڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق پىلانىنى دوكلات قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، بىز چىقىرىلغان سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇرراق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز؛ ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى يېڭى ئەھۋال ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىپ، كۆپ تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادقا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ كۆزلەنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئىچىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى باشلامچىلار ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان پۇقراۋى ئىگىلىك، كىچىك مىكرو كارخانىلارغا كۆپرەك مەدەت بېرىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىشكە ئىرادە باغلىشى لازىم. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. جايلار ۋە تارماقلار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر