باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.06.12 23:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تەلىپىگە ئاساسەن، نىشانلىق تەڭشەپ كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش، يۈزەكى ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ھەل قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئىقتىسادنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ستېورېئوللۇق قاتناش كارىدورىنى قۇرۇپ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا «مال ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئالتۇن سۇ يولىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش- يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىي قىلىشى بىلەن دۆلەت ئىچى، سىرتىغا ئېچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇشتىكى زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا سۇ تىرانسپورت مىقدارى زور، تەننەرخى تۆۋەن، ئېنېرگىيە تىجەش، يەر تىجەشتەك ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىۋېرسال ستېرېئوللۇق قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا «مال ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانى» ماقۇللاندى، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى، ياسىمچىلىق مال ئوبوروتى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش، تىرىلمە بايلىقنى قايتۇرۇۋېلىش مال ئوبوروتى قاتارلىق 12 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بېكىتىلدى، 2020-يىلىغىچە زامانىۋى مال ئوبوروتى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسەن قۇرۇپ، مال ئوبوروتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باج تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل باج ئېلىش-ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىچكى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2014-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، تۇرۇبا سۈيى، كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى قاتارلىق ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا تەتبىق قىلىنىدىغان كۆپەيمە قىممەت بېجىنىڭ %6، %5، %4، %3لىك تۆت دەرىجىلىك باج نىسبىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر دەرىجە قىلىنىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باجنى ئاددىيلاشتۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن، %3لىك باج نىسبىتى ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەر يىلى ئالاقىدار ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى تەخمىنەن 24 مىليارد يۈەن يېنىكلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر