باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى كىچىك مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەشنى كۈچەيتىدۇ

2014.06.16 00:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىدۇ.

  يېقىندا، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ كارخانىلار بىلەن بانكىلارنى باغلاشتۇرۇش يىغىنىدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزى شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ جۈنداۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى، ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يۆلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

  2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش، ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزۈش، دائىملىق قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك. ئالاھىدە مالىيە، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ 1- كەسپىنىڭ نىسبىتى%12.6 تىن تەخمىنەن %10 كە تۆۋەنلىگەن؛ 2-كەسىپنىڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، %47.5 تىن %48 كە ئۆرلىگەن؛ 3-كەسىپنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، %37.9 تىن %42 كە ئۆرلىگەن.

  تاۋ جۈنداۋ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قەرز قويۇپ بېرىش سىياسىتىدە ئېتىبار بېرىش شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىكى ئاساسلىق چارە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر