باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قان تەقدىم قىلىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى

2014.06.15 23:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن يەنى 14-ئىيۇن خەلقئارا قان تەقدىم قىلىش كۈنى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، قىزىل كىرىست جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، كىشىلەرنىڭ قان بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 2004-يىلى بۇ كۈننى بېكىتكەن. داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىدا، قان بىلەن تەمىنلەش زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بىر قىسىم جايلاردا قان بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇپ كەتكەن. چۈنكى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب كىلىنكىلىك داۋالاشقا كېتىدىغان قانغا بولغان تەلەپ تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ئەلۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى قان ئىسكىلاتىدا ساقلىنىۋاتقان قان يۇقارقى تەلەپلەرنى دەل ۋاقتىدا ئورۇنداپ بولالمايۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قان تەقدىم قىلغۇچى پىدائىيلىرىمىز قاراپ تۇرمىدى. ئۇلار قان بېرىشتەك ئالىيجاناپلىقى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا پىدائىيلىق خىزمىتىنى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمىز! ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەقسىم قان تەقدىم قىلىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى بار. بۇ ئەترەت قۇرۇلغىنىغا يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ئەترەتتىكى پىدائىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق نۇرغۇن كېسەل ئازابىنى تارتقان بىمارلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. بۇ ئەترەتنىڭ ئىسمى شىنجاڭ قان تەقدىم قىلىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى. بۇ ئەترەتنىڭ قۇرغۇچىسى شەمشىنۇر ئىمىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىچۈەن كۆكتاغ رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ قان تەقدىم قىلىش ئەترىتىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئىزچىل خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەنىدى، بەلكىم شەمشىنۇرنىڭ بۇ پەزىلىتى ئائىلە تەربىيەسىدىن كەلگەن بولسا كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر