باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى برازىلىيىنىڭ سانپاۋلودا باشلاندى

2014.06.15 23:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى برازىلىيىنىڭ ۋاقتى 12-ئىيۇن سانپاۋلودا باشلاندى.خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئۈچ مىلياردتىن كۆپرەك كۆرۈرمەن تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئۆزلىرى تاللىغان مۇسابىقىنى كۆرۈدىكەن . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىقادى ، ئىرقى، تېرە رەڭگى، تىلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بىرلا ۋاقىتتا تېلېۋىزوردىن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق كۆز قارىشىدىكى زور مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

  پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى قانداق شەكىللەندى ؟ ئۇنىڭدىكى سۈرئەت، كۈچ ، شەخسىي ماھارەت، كوللېكتىپ ھەمكارلىق- قورشاۋ شاھمات تاكتىكىسى بىلەن پۇتبول كوماندىسىنىڭ روھىمۇ؟ بىر توپ بىلەن مەغلۇب بولۇپ تارىخىي ئازابقا قىلىشمۇ ياكى بىر توپ بىلەن غەلبە قىلىپ رىۋايەتتەك قالتىس مەنزىرە پەيدا قىلىشمۇ؟ پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچى دەل بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىدە بولۇپ، ھاياتى كۈچ ۋە قىزغىنلىققا تولغان بولىدۇ.

  دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇمىيلاشقان تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان پۇتبول ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان قولنى تۇتۇپ بۈگۈنگە يېتىپ كېلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىق ھەرىكەتنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى مۇساپىسىغا ماسلاشقاندەك قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى: ئىقتىساد يەر شارىلاشمىسا، بۈگۈنكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولىشى مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا برازىلىيىلىكلەر مەنىلىك قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئىچىدىكى دۇنيا لوڭقىسى بولىدۇ، دېدى.

  1950-يىلى برازىلىيە تۇنجى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئازاب ئوقۇبىتىگە قالغان ياۋروپا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقتىن، بۇنى برازىلىيىگە ئىتتىرىپ قويدى. برازىلىيە بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى سالدى؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى كۆرۈرمەنلەر 200 مىڭغا يەتتى. شۇ يىلى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلىنىپ ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  1950-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاران 13 دۆلەت كوماندىسى قاتناشتى.ھازىر 32 دۆلەتكە كۆپەيدى. 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن برازىلىيە دۇنيادىكى 7-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن ئون يىلدا برازىلىيىدىكى 36 مىليون كىشى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى قاتارىغا كىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر گۈللىنىش مۆجىزىسىنى بارىلىققا كەلتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  دۇنيا ئالغا باسماقتا، پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىي قىلماقتا. 1950-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى پەقەت رادىئودىلا چۈشەندۈرۈلۈپ ، تېلېۋىزىيەدە ئۇلاپ كۆرسىتىلمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئايروپىلاندىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇچۇرنىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئالاقە دۇنيانى تېخىمۇ كىچىكلەتتى. كىشىلەرنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ۋاقتىدا كۆرۈشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1986-يىلىدىن بۇيان، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر يېڭى كوماندا بارلىققا كەلگەن. سىنگال، تۈركىيە، كورىيە ،ئۇكرائىنا، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كوماندىسى بۇ قاتارغا كىرگەن. پۇتبول تېخنىكىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئومۇمىيلىشىشى ۋە بىرىكىشىگە ئەگىشىپ، شەخسلەر رىقابىتىنىڭ ئورنىنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ سىنىشىشى ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر بىلى، مارادوناغا ئوخشايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئاستا ئاستا غايىب بولغانلىقىنى بايقىدى. بىر پۈتۈن كوماندىنىڭ ماسلىشىشى ۋە بىر پۈتۈن تېخنىكىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بىرىكىشى پۇتبول مەيدانىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ ، لېكىن 12 تەنتەربىيە مەيدانىدىكى مۇسابىقىنى كۆرۈدىغان 2 مىليوندىن كۆپرەك كۆرۈرمەننى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار جۇڭگودا ياسالغان مېتىروغا ئولتۇرۇپ رىئو دې ژانېيرودىكى پۇتبول مەيدانىغا بارىدۇ . جۇڭگودا تىكىلىپ تۈرلۈك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بەلگىسى بېسىلغان كالتە يەڭ مايكىلارنى كىيىپ مەيدانغا كىرىدۇ. جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان كاناي ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىغا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. تاماشىبىنلا يىراق يۇرتىدىن پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە بارالمىغان ئۇرۇق تۇغقان، دوستلىرىغا جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇت بەلگىسى ئالىدۇ. 12 تەنتەربىيە سارىيىدا ئىشلىتىلىدىغان 27 يۈرۈش يورۇقلۇق ۋولت سىستېمىسىنى جۇڭگو شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. شۇڭا جۇڭگو دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن يىراق ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر