باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

فېڭ جويىنى زىيارەت

2014.06.15 00:07   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

فېڭ جويىنى زىيارەت

  گۇاڭدۇڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان فېڭ جويى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە باسقان تۇنجى قەدىمىنىڭ شىنجاڭدىن باشلىنىشىنى ئويلىمىغان ئىدى، 2011-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۇ ياشلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇغان مەركەزدىكى ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايونغا بېرىپ پىدائىي بولۇش پىلانى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن فېڭ جويىننىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى رەسمىي باشلانغان. فېڭ جويى شۇ چاغدا گواڭدۇڭ چەتئەل تىللىرى سودا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دىپلومات كەسپىنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بولۇپ، 23 ياشقا كىرگەن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ تاللىشى ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىمۇ ھەيران قالدۇردى، فىڭ جويى شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاپام ماڭا ئۇ يەرگە بىرىپ تۇرالمىساڭ دەرھال قايتىپ كەل، تىزراق قايتىپ كەلسەك بۇ يەردىكى ئىشلارنىمۇ قايتا باشلىغىلى بولىدۇ دەيتتى.

  ئەينى يىللىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن ياشلار ئۈچۈن بۇ ھەم جاپالىق ھەم كەلگۈسى تۇرمۇشى ناھايىتى مۇجىمەل بولغان بىر خىزمەت ئىدى، بىر يىل پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەندىن كىيىن، قانداق قىلىش كېرەك دېگەن بۇ سوئال ھەبىر پىدائىينىڭ ئالدىغا قويۇلغان، فىڭ جويىمۇ ئوخشاش تاللاشقا دوچ كەلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا قەشقەردە پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن كۈنلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلىرى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ شىنجاڭدا پىدائىي بولۇپ ئىشلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  بەلكىم سىزمۇ ماڭا ئوخشاش، پىدائىيلارنىڭ تەمىناتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما فىي جويىغا ئوخشاش ياش پىدائىيلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئايلىق كىرىمى 1000يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقتتىكى خىزمەت بىسىمى ۋە يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا بۇ پۇل ئەلۋەتتە كۆپ ھىساپلانمايتتى، ئەمما فىڭ جويى مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتلاردىمۇ ئۆزىگە خوشاللىق تاپالىغان.

  شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ بارا-بارا بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن شۇنداقلا شىنجاڭنى ھەقىقىي ھالدا چۈشىنىپ يەتكەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭلىقلار ئاقكۆڭۈل، دوستانە، كەڭ قورساق بولۇپ ئۇ ئۆزىنى شىنجاڭدا يات ئادەم دەپ ھېس قىلمىغان. ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە ھەرخىل ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن ھەم شۇ جەرياندا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ھېس قىلغان.

  قەشقەرنىڭ كەچلىك بازىرى فېڭ جويى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى داۋاملىق بارىدىغان جاي، كەچلىك بازاردىكى كاۋاپ، پولو، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىق تائاملارنىڭ مەززىلىك تەملىرى ئۇنى خۇددى شىنجاڭ ئۆز ئۆيىدەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىغان. فېڭ جويىن شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە يەرلىكنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى چۈشەنمەسلىك، خەلق بىلەن پىكىرلىشىش تەس بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان. كېيىن شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئاستا-ئاستا قەشقەردىكى خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغان. شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن دوست بولغان، يەنە ئۇيغۇرتىلىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۆزلىكلىرىنىمۇ ئۆگىنىۋالغان. ھازىر ئۇنىڭ جۈمەگۈل دەپ ئۇيغۇرچە ئىسمىمۇ بار، ئۇ قەشقەردىكى تۇرمۇشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئامانلىق ساقلىغۇچىلار، بازاردىكى سودىگەلەر بىلەنمۇ سۆزلىشىپ تۇرىمەن. مىنىڭ تەلەپپۇزىمنى ئاڭلىغان ئادەم مىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلار ماڭا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، دەسلەپتە ئۇلارنى مىنى ھىتگاھ مەسچىتى ئەتراپىدىكى كەچلىك بازارلارغ ئاپىراتتى، مەن پاچاق، ئۆپگە ھىسىپ، لەڭپۇڭنى ياخشى كۆرىمەن، تۇنجى قىتىم پىتىر مانتا يېگەندە تىتىپ كىتىپ، بىراقلا سەككىزنى يېگەن ئىدىم.

  ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى فېڭ جويىنىڭ خىزمەت ۋاقتى توشقاندا ئۇ گۇاڭدۇڭدا قايتىپ كەتسە بولاتتى، ئەمما ئۇ يەنىلا قىلىشنى قارار قىلغان. 2013-يىلى 10-ئايدا ئۇ مەمۇرلۇق ئىمتاھاندىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپ شىنجاڭدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان. 26 ياشلىق فېڭ جويەننىڭ ھازىر ئىككى سالاھىيىتى بار بولۇپ بىرسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى يەنە بىرى بولسا ھەربينىڭ ئايالى. فېڭ جويىنىڭ يولدىشى قەشقەردە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭدا لايىق تىپىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەپمۇ شىنجاڭدا ئائىلە قۇرۇپ، يىلتىز تارتىش ئۈچۈن ئىدى، 2013-يىلى، فېڭ جويى يولدىشى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئىككى يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇققانلىرى فېڭ جويىغا يولدىشىنىڭ ئامال بار ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىشىنى ياكى كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىن شىنجاڭدىن كېتىشىنى ئېيتقان. ئەمما فېڭ جويى بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلغان. يېقىندا ئۇ يەنە ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ قەشقەرگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مەن يولدىشىم بىلەن قەشقەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ قەشقەردە يىلتىز تارتىشنى ئارزۇ قىلىمەن دېگەن. ئۇنىڭ بۇ تاللىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى يەنە بىر قىتىم ھەيران قالدۇردى.

  22-ماي ئۈرۈمچىدە تىررۇلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن فېڭ جويىنىڭ ئورۇق تۇققانلىرى ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ قايتىپ كېلىشنى ئېتقان. ئەمما ئۇ دوستلىرىنىڭ كۆڭلىنى ياخشى سۆزلەر بىلەن رەت قىلغان. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تور بوشلۇقىغا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى شەرھىلىگەن، ئۇ ماقالىسىدە تېرورچىلار مىللەتكە، دىنغا، شۇنداقلا مەلۇم رايونغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. تېرورىزىم ئىدىيەسى مىللەت، دىن، رايون مەسىلىسى ئەمەس، شۇنداقلا قايسى بىر دۆلەتتە ئالاھىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولماستىن بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق يۈز كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسى. تېرورچىلارنى يوقىتىش پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. تېرورچىلار ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەملىكىتىمىزدىكى ھەربىر خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۇڭا كۆپچىلىك بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تېرورچىلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ تېرورچىلىق قىلمىشلىرىنى مىللەت، دىن مەسللىرى بىلەن باغلىۋالماسلىقى كېرەك دەپ يازغان.

  مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ سۆھبىتى يىغىنىنىڭ ئېچىغانلىقى فېڭ جويىغا يېڭى ئۈمۈد ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭدا يەنىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بولۇپمۇ قەشقەردەك ئىقسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىيات مەنزىلى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتقاندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ئاممىۋىي پاراۋانلىق خىزمىتىنى قىلىشنى يەرلىك ئاممىغا تىخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  ئۇنىڭ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: ھەممە خەلق تىنىچلىقنى سۆيىدۇ، تىنىچلىقنى قەدىرلەيدۇ. تېرورچىلار شىنجاڭدىكى ياخشى كۈنلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلار شۇڭلاشقا ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۋاتقانلار پەقەت بىر ئوچۇم كىشلەر بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىنغا، ئۆز مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دىن ۋە مىللەت بۇنداق تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭمۇ يۈز بېرىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا قورقماي كېلىشىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن نورمال ئۇچرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. چەت ياقىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ تۇرىۋاتقان رايونىنىڭ يىراقلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چەكلىمىلىكىنى تۈگۈتۈش تىرۇرلۇققا قارشى تۇرۇش شۇنداقلا بۇ رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىدىمۇ ئوخشاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭلىقلارنى مۇشۇ تۇپراقنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۆلەتنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىشىمىز كېرەك.

  فېڭ جويى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ياشلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا شىنجاڭدا قېلىپ يىلتىز تارتىش ئەمەلگە ئاشۇرشىلى بولىدىغان ئارزۇ. ئەينى يىلى مەن بىلەن بىللە كەلگەن پىدائىيلار 29 ئادەم بولۇپ ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كەتكەنلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۈچتىن بىر قىسمى يەنە داۋاملىق ئىككىنچى يىللىق توختام تۈزدى. بۇ توختاممۇ ئاخىرلىشش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ لېكىن ھەممىسى ياخشى كاپالەتكە ئېرىشتى. بىر قىسمى مەمۇرلۇققا ، كەسپىي ئورۇنلارغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. يەنە بەزىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن شېركەتلەرنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئۈچىنچى قېتىملىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز