باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.06.15 23:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن مەركەزنىڭ مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقى، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، ئېنېرگىيە تەمىنات ۋە ئېھتىياج قېلىپىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، خەلقئارا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشى ئالدىدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە، چوقۇم ئىشنى ھازىردىن باشلاپ قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بەش تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچى، ئېنېرگىيە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامۇۋاپىق ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى توسۇش، ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، ئېنېرگىيە تېجەش ھەققىدىكى فاڭجېن سىياسەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ بارلىق جەريانى ۋە تۈرلۈك ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بازارلاشتۇرۇشتا ئېنېرگىيە تېجەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادچان، تېجەشچان ئىستېمال قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك، ئىككىنچى، ئېنېرگىيە تەمىنات ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئىچىدە كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەشتە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈردىن باشقا ئېنېرگىيەنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆمۈر، نېفىت، گاز، يادرو، يېڭى ئېنېرگىيە، تىرىلمە ئېنېرگىيە تەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە تەمىنات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە تەقسىمات تورى ۋە زاپاس ساقلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەڭ قەدەمدە كۈچەيتىش كېرەك، ئۈچىنچى، ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قارىتىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، تېخنىكىدا ، كەسىپتە ، سودا قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا باشقا ساھەلەردىكى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسىپلەرنى ئېلىمىزنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، تۆتىنچى، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تەرەققىيات يولىنى ئېچىش، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ تاۋار ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بازار قۇرۇلمىسى ۋە بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە باھاسىنى ئاساسلىقى بازار بەلگىلەيدىغان مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېنېرگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ، ئېنېرگىيەنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، بەشىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۆپ تەرەپتىن كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاساسلىقى مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2030-يىلىغىچە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابى ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، 13-بەش يىللىق ئېنېرگىيە پىلانىنى تەتقىق قىلىش كېرەك، بىر تۈركۈم ئۈنۈم ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈش، قالاق بولسىلا ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قەرەللىك مۇددەتتە يېڭىلاش ۋە ھەقىقىي ئىجرا قىلىش كېرەك، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر كۈچى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە نېفىت تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى قانۇن تۈزۈملەرنى چىقىرىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتىنى باشلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر