باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى راخبارى قەبىلىسى (1)

2014.04.15 13:50   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ھىندىستاندىكى راخبارى قەبىلىسى (1)

  ئەنگىلىيەلىك فوتوفراف جىمى نارسون بەش قىتئەدىكى 35 قەبىلىنى زىيارەت قىلىپ، فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشقان قەبىلىلەرنىڭ ياشاش ئەھۋالى ۋە يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان قەبىلە مەدەنىيىتىنى خاتىرلىگەن. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەردە ھىندىستاندىكى راخبارى قەبىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان .

  راخبارى قەبىلىسى ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى قۇملۇق ۋە تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، تەخمىنەن مىڭ يىل ئىلگىرى ئىراندىن بۈگۈنكى ھىندىستاننىڭ گۇجەرەت ۋە راجەستانغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ قەبىلىدىكىلەر ئاساسلىقى چارۋىچىلىققا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى كەشتە تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

  راخبارى قەبىلىسىدىكى ئاياللار بەدىنىگە گۈل چېكىشنى ياقتۇرىدىكەن، چۈنكى ئۇلار بەدەن چەكمىسىنى گۈزەلىك بىلەن دىنىي ئېتىقادنىڭ سىمۋوۋلى دەپ بىلگەندىن سىرت يەنە ، كېسەللەرنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قارايدىكەن. يەرلىك ئاياللار بېشىغا ئۇزۇن قارا ياغلىق ئارتىپ ، قۇلىقىغا شەكلى غەيرى بولغان مىس ھالقىلارنى تاقاپ يۈرۈيدىكەن . راخبارىلار ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مىللىي كىيىملىرى بىلەن گۈزەللىك ۋە سەنئەتكە بولغان ئالاھىدە چۈشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىكەن .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز