باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

قولى بىلەن «يۈگۈرۈپ» جېنىس دۇنيا رېكورتى ياراتقان ئېفىئوپىيەلىك ئەر

2014.04.10 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان ئېفىئوپىيەلىك ئەر زېگايىنىڭ ئىككى پۇتى تۇغما مېيىپ، بىراق ئۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن قولىنى پۇت ئورنىدا تاۋلاپ، ھازىر گېرمانىيە فورتتا ئىككى قولىدا ھاسا تۇتقىنىچە مېڭىش ماھارىتى كۆرسىتىپ، 100 مېتىرلىق مۇساپىنى 56 سېكونتتا تاماملاپ، كۆپ يىللىق ئارزۇيىغا يەتكەن. زېگايى 100 مېترغا يۈگۈرۈشنى ناھايىتى مۇشەققەت ئىچىدە تاماملىغان، ئۇ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغاندىن باشقا، يەنە كۆكرەك مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغان، ئەگەر شۇنداق قىلمايدىغان بولسا ھاسىغا تايىنىپ قولى بىلەن ئۆرە مېڭىش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇ يامايكالىق ئۇچقۇر ئادەمنى مەبۇدە قىلغان، بۇرۇن 100 مېتىرلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلاپ، ئۇنىڭ قايتىدىن قولى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭغان ھالىتىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان.

  زېگايى تۇغما مېيىپ بولغانلىقتىن، ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن «ئاپەت بالا» دەپ قارالغان، ئۈچ ئايلىق ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنى تاشلىۋەتكەن، شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇ چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان، بوۋاي ئۇنىڭغا ئىككى قولىغا تايىنىپ ياشاشنى ئۆگەتكەن، قورامىغا يەتكەندىن كېيىن باشقىلارنىڭ مەبلەغ ياردەم قىلىشى ئاستىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، ھەمدە ھاسا بىلەن مېڭىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ تۇغما مېيىپلىقىدىن مەيۈسلىنىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن، ھەمدە ئىزچىل تۈردە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلاپ، گەرچە ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ بىراق ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغان، ھازىر بۇ ئەر ئارزۇيىغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر