باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا تۆلەم بېرىشكە باشلىدى

2014.04.17 13:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ‹‹كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىققا قايتىش›› مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ

  جۇڭ شيۇلىڭنىڭ 16 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بىر نەچچە ئاي تىرىشىش ئارقىلىق ھازىر ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن. فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان، جەمئىي 3161 كىشى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشكەن، تۆلەم ھەققى 1 مىليون 680 مىڭ 800 يۈەنگە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر ئاۋغۇستتا ‹‹شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئېلان قىلىپ، تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 4 مىليون 98 مىڭ 900 كىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنىدى. ھازىر قىزىلسۇ ئوبلاستى بىلەن ئالتاي، ئاقسۇ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرى خېرىدار چاقىرىشنى تاماملىدى، ئۈرۈمچىدە خېرىدار چاقىرىش لايىھەسى تاماملىنىپ، خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

  داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈم رامكىسى شەكىللەندى، يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %99.8كە يەتتى، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورى قۇرۇلدى. لېكىن ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر يەنىلا دەسلەپكى قەدەمدىكى، باسقۇچ خاراكتېرلىك بولۇپ، ئېغىر كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈشتە يەنىلا يېتەرسىزلىك بار، شەھەر – يېزا ئاھالىسى كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىدىغان، كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىققا قايتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرماقتا. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشتىكى مەقسەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ‹‹كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل بولۇش سەۋەبلىك نامراتلىققا قايتىش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – يېزىلاردا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار تەخمىنەن 14 مىليون كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقانلار 11 مىليون كىشىگە يەتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار كۆپ سوممىلىق داۋالاش ھەققىگە يولۇققاندا شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شەخسلەر تۆلەيدىغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالىنىش ھەققىگە يەنە بىر قېتىم تولۇقلىما بېرىدىغان تۈزۈم ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر