باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى باج يىغىشتا ھەمكارلىشىشقا ئەمەل قىلىش تولۇقلىما كېلىشىمى شىنجاڭدا ئىمزالاندى

2014.04.17 13:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تويا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى 15 – ئاپرېل جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك ‹‹باج يىغىشتا ھەمكارلىشىشقا ئەمەل قىلىش تولۇقلىما كېلىشىمى›› ئىمزالىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرىنىڭ چوڭ كارخانىلاردىن باج يىغىشتىكى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتىكى يېڭى تەدبىرى، شۇنداقلا باج تارماقلىرى بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىپ باج خېيىم – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش، باج ئېلىش، باج تاپشۇرۇش تەننەرخىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى، ئاساسلىقى، كارخانىلارنىڭ باج خېيىم – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە باج مەنبەسىنى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت، باج يىغىش، باج باشقۇرۇش بايلىقىنى تېجەشكە ئەمەل قىلىش، باج ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ باج ئېلىش، باج تاپشۇرۇش تەننەرخىنى ئازايتىشنى پىرىنسىپ قىلىپ، باج ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانىلار ئارىسىدا ئىناق ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئىكەن. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاراپ تاشلىغان تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇرغا قەدەر دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ 45 نۇقتىلىق ئالاقىلىشىدىغان كارخانىسىدا 53 مىڭ ئەزا كارخانا بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا 1331 ئەزا كارخانىسى بولغان، ئۇلارنىڭ يىللىق دۆلەت باج كىرىمى 45 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۆلەت باج ئومۇمىي كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا 93 ئاپپاراتى بولۇپ، بۇلتۇر شىركەتنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 23 مىليارد 627 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2011 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە 325 مىليون يۈەن باج تاپشۇرغان.

  بۇ قېتىمقى كېلىشىمدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، باج ئاپپاراتلىرى ئالدىن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق چوڭ كارخانىلاردىن باج ئېلىشنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ شۇنداقلا خېيىم – خەتەردىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، باج قانۇنىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق باج تاپشۇرۇش خاس مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ كارخانىلار باج ئىشلىرىغا يولۇققاندا، مۇھىم ئىشلارنى مەلۇم قىلىش ۋە ئالدىنئالا كېسىم چىقىرىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ئارقىلىق باج تارماقلىرىغا كەلگۈسىدىكى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىم سودا ئىشلىرىدا مۇۋاپىق كېلىدىغان باج قانۇنىنى قانداق قوللىنىش، ئالدىنئالا كېسىم چىقىرىش، شۇنداقلا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ماددىسىنى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر