باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش سايمانلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ

2014.04.16 17:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 15-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالاش سايمانلىرىدىكى بەشنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. كېيىنكى باسقۇچتا، داۋالاش سايمانلىرىدىكى بەشنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلىنىپ، بىر قىسىم باكتېرىيىسىز، كىرگۈزۈلمە داۋالاش سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى باسقۇچتىكى مەركەزلىك تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش ھەم قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چىڭ تۇتۇلىدۇ، جايلارنىڭ بەشنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، داۋالاش سايمانلىرىنى رويخەتكە ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى قېلىپلاشقان ھۆججەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى تەدرىجىي چىقىرىلىپ، داۋالاش سايمانلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى يەنىمۇ ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر