باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلقئارالىق مىللىي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ سەركىسى

نىلۇپەر قاسىم، زۇمرەت ئۆمەر

2014.04.17 10:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت چەكلىك شىركىتى 2010 – ۋە 2011 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹<11 – بەش يىل>دىكى مۇنەۋۋەر كارخانا››، ‹‹ئون چوڭ مۇنەۋۋەر كارخانا››، 2012 – يىلى 5 – ئايدا مەملىكەت بويىچە چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن شىركەت، دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بۇ ئېلىمىزدىكى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەن مىللىي شىركەت بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، بۇ شىركەت قانداق قىلىپ بۇ ھوقۇققا ئېرىشەلىدى؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەرىدە مۇھەممەتنى زىيارەت قىلدۇق.

  مۇخبىر: چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلىشىڭلاردىكى سىر نەدە؟

  پەرىدە خانىم: شىركىتىمىز 2006 – يىلى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلغاندا، دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەخسۇس چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتەتتۇق. 2007 – يىلى 3 – ئايدا شىركىتىمىز رەسمىي قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن بۇيان، شىركىتىمىز ئۇدا ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئۈچ يىلدا يىلىغا 4000 دىن 5000 غىچە چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلدى. ئېلىمىزدە ساياھەت شىركىتى كۆپ، شىنجاڭدىلا 400 دىن ئاشىدۇ. ئەمما خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتىدىن 24 ى بار، شىركىتىمىز بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەن بىردىنبىر مىللىي كارخانىچىلار قۇرغان شىركەت.

  مۇخبىر: چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر قايسى دۆلەتلەردىن كۆپرەك كېلىدۇ، ساياھەت نۇقتىلىرى قايسىلار؟

  پەرىدە خانىم: ئاساسەن ئامېرىكا، ياۋروپادىن كېلىدۇ، %65 ساياھەتچى فىرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىن كېلىدۇ. ھازىر چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ساياھەتچىلىكىمىزدە يەنىلا دۆلەت ئىچى، چېگرادىن كىرىش ساياھىتى %70 نى ئىگىلەيدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئاساسىي ساياھەت نۇقتىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك ساياھەت رايونلىرى بولۇپ، ساياھەت تۈرلىرى ئاساسەن قۇمغا كۆمۈلۈش، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، تاغقا يامىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىمىزدە چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنى ئوبدان رازى قىلىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ، بىراق بۇ بازار سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى يۈكسەلگەندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، كىرىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر چەت ئەل ساياھەتچىلىكىدە جۇڭگو ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. شىنجاڭمۇ چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى.

  مۇخبىر: چەت ئەلدىكى ساياھەت نۇقتاڭلار قايسى ؟

  پەرىدە خانىم: شىركىتىمىز مىللىي شىركەت بولغاچقا، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىللىيلار. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، قىزىقىشىغا ئاساسەن چەت ئەلگە چىقىرىۋاتىمىز. ئاساسەن تۈركىيە، دۇبەي قاتارلىقلار؛ يەنە ھىندونېزىيە، تايلاند، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق جايلار بىر ساياھەت لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى، ياتاق – تاماقنى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا غەربىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت، يەنە تۈركىيە قوشۇلدى، ياۋروپانىڭ ۋىزىسىنى ئالغانلار تۈركىيەگە بارسىمۇ بولىدۇ.

  مۇخبىر: شەخسىي پاسپورت بىلەن ساياھەتكە چىققىلى بولامدۇ، ۋاكالەت پۇلى ئالامسىلەر؟

  پەرىدە خانىم: چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققۇچىلارنىڭ پاسپورتى بولسا ۋىزا ھەل قىلىپ بېرىمىز. پاسپورتى بولمىسا پاسپورت ئىشلەپ بېرىمىز. تۈركىيە ساياھىتىدىمۇ چوڭلاردىن پۇل ئېلىنمايدۇ، ئېلىنىدىغىنى ئامانەت ئىسپاتى. ئىش ئورنى يوق ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلاردىن 30 مىڭ يۈەن ئامانەت ئىسپاتى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ئۆي ئالغان كادىرلارغا شىركەت پۇلىدىن ئامانەت ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىمىز. ئىشلەۋاتقانلارغا بۇ لازىم بولمايدۇ.

  مۇخبىر: خادىملارنىڭ قۇرۇلمىسى، ساپاسى قانداق، ئاساسلىق ساياھەت لىنىيەلىرى قايسى؟

  پەرىدە خانىم: شىركىتىمىزدە 20 خادىم بولۇپ، 15 ى ساياھەت يېتەكچىسى، قالغانلىرى ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل. ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، چەت ئەل تىلىغا پىششىق. ھەممىسى ئاز دېگەندە ئۈچ خىل تىل بىلىدۇ. بىز ئادەتتە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك ساياھەت گۇرۇپپىلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئۆمەكلەر، يۇقىرى قاتلام ساياھەتچىلەرنى كۈتۈشكە مەسئۇل. ھازىر ساغلاملىق ساياھىتى بەكرەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزمۇ ۋېلىسىپىت ساياھىتى بىلەن بوستانلىق ساياھىتىنى بىرلەشتۈردۇق. بۇنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ‹‹دۇنيانى ۋېلىسىپىت بىلەن كۆرۈش ساياھىتى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ساياھەت لىنىيەسى ئاساسەن ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى بولۇپ، بۇ ئاساسلىق خوتەندىكى بۇددىزم ۋە قۇم ئاستىدىكى خارابىلەرنى ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، قەشقەردىكى ساياھەت مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى بىلەن پامىر تېغى ساياھىتى، قاراقۇرۇم تېغى ساياھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ" تاغ ئارىسىدا يۈرۈش ساياھىتى" دەپ ئاتىلىدۇ. فوتو – سۈرەت ساياھىتىدە ئالاھىدە يەر شەكىللىرى، مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىش ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا فىرانسىيەدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىك ساياھىتى قەشقەردىكى ئائىلە ساياھىتى، ھېيتگاھ قاتارلىق جايلارنى كۆرسىتىدۇ. ساياھەت يېتەكچىلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلار، ئۇلار تىلغا پىششىق. ئۆزۈممۇ مۇشۇ كەسىپتىن چىققان بولغاچقا، كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىمەن. تەجرىبە بار، باھا ئۆسسۇن ياكى تۆۋەنلىسۇن ھەر ۋاقىت باھانى مۇقىم قىلدۇق. خېرىدارلار قايسى تىلدا چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا شۇ تىلدا چۈشەندۈردۇق. قاتناش ئەھۋالىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ماس كېلىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتۇق.

  مۇخبىر: چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، قايسى دۆلەتكە چىقىرىۋاتقان ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ؟

  پەرىدە خانىم: چەت ئەلگە ساياھەتچى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، تۈركىيەگە كۆپرەك چىقاردۇق. يىلدا تۈركىيەگە چىقىرىدىغان ساياھەتچى 1000 دىن ئاشىدۇ. دۇبەي، ئامېرىكا، شەرقىي – جەنۇبىي ئاسىياغىمۇ چىقاردۇق. ھازىر ئامېرىكىغا ئىككى گۇرۇپپا بار. يەنە ئۈرۈمچىدىن ئۆزبېكىستانغا يەتتە كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى ئاچتۇق، بۇنىڭدا سەمەرقەنت، خارارەم قاتارلىق جايلارنى تولۇق كۆرسىتىمىز.

  مۇخبىر: ساياھەت يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇتۇقلىرىڭلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

  پەرىدە خانىم: ساياھەت يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق. يىلدا ساياھەت يېتەكچىلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىغا جەم قىلىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبە توپلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز. بىر قېتىم قەشقەردە، يەنە بىر قېتىم تۇرپاندا تەربىيەلىدۇق. 2009 – يىلى 150 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان سودىگەرلەر ۋە چەت ئەلدىكى سودىگەرلەردىن تەركىب تاپقان 60 كىشىلىك ‹‹ساياھەت سودىگىرى›› تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللىدۇق، ئىشىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ھازىر سۇجۇ، خاڭجۇ ساياھەت شىركەتلىرى بىزدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆتكەندە گۇاڭجۇدا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. پائالىيىتىمىز مەملىكەت بويىچە ئۈلگە بولدى. پامىردا يۇقىرى قاتلاملىق مېھمانلارنى قانداق كۈتۈش توغرىسىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدۇق. ھازىر بىزنىڭ ھەمكارلىشىدىغان خېرىدارلىرىمىز مۇقىملىشىپ قالدى. شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ 2010 – يىلىغىچە ئۇدا زىيان تارتتۇق. 2010 – يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، پايدا ئېلىشقا قاراپ ماڭدۇق. ئىقتىسادىي ئۈنۈم يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم گەۋدىلىك بولدى. مول تەجرىبە توپلاپ، ئۆزىمىز مەبلەغ چىقىرىپ، 30 – 40 ئەتراپىدا مۇنتىزىم غوللۇق ساياھەت يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلىدۇق. ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ سۆز ماھارىتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى، قىزغىنلىقى، كەسىپ ئەخلاقى يۇقىرى بولۇشى، خېرىدارلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنى تۇغقىنىدەك كۈتۈشى كېرەك. بىز ھەر جەھەتتىن تەلەپنى قاتتىق قويغاچقا، ھازىرغىچە ساياھەت ئەرزى كۆرۈلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر