باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى 18 تاراتقۇ بىلەن تور بېكىتى شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى چەكلەشكە ۋەدە بەردى

2014.04.17 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلارشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى 13 – ئاپرېل بىرلىكتە ‹‹توردىكى شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› چىقاردى.

  ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كېيىن، ‹‹خەلق گېزىتى››، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسى قاتارلىق 18 ئاساسلىق ئاخبارات ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرى مەخسۇس ھەرىكەت تەلىپىگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ۋە ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، تور بېكىتىنىڭ 1 – بېتىدە ‹‹ئۇقتۇرۇش››، ‹‹بايانات››، ‹‹تورداشلارغا خەت›› قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، توردىكى شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلاشتى.

  نۇر تورىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىستوندىكى بارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزدى. بىز مەركەزدىكى ئاخبارات تور بېكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ تەلىپىگە پائال ماسلىشىپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە تور ئەھلىگە مەسئۇل بولۇش پۇزىتسىيەسىدە توردىكى مەزمۇنلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت بەرمەي، تور ئەھلىنىڭ مەنپەئىتىنى، بولۇپمۇ ياشلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز.

  شىنخۇا تورىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ياڭ شىنخۇا مۇنداق دېدى: تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئەلىنىشتە قوللىنىلىدىغان تېخنىكا تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ يولغا قويۇپ، چاكىنا ئۇچۇرلارنىڭ كىرىشىدىن ساقلىنىدىغان ‹‹سىگنال بېرىش ئەسۋابى›› ۋە ‹‹بىخەتەرلىك كىلاپانى›› ئورنىتىپ، مەيلى يېزىق، سۈرەت، ئۈن – سىن قاتارلىق ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇچۇرلار، مەيلى pc بۆلىكى ياكى كۆچمە ئالاقە سۇپىسى، ئاخبارات ئۇچۇرى ياكى تور ئېلانى، مەيلى مۇخبىر، مۇھەررىرلەر تارقاتقان ياكى تورداشلار يوللىغان ئۇچۇرلار بولسۇن، شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى قەتئىي توسىمىز.

  تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش تور بېكىتى قۇرغۇچىلار بىلەن تورداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق. مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ بىلەن تور بېكەتلىرى تورداشلارنى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي، چاكىنا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى چەكلەپ، توردا بىرلىكتە مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر