باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.04.18 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدا 2014-يىللىق تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى مۇنبىرىگە قاتناشقان تەيۋەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىنىڭ ئاساسلىقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقارغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. شۇنداقلا بىزنىڭ ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان يۆنىلىشىمىز. ئىككى قىرغاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. ئىشەنچىمىزنى داۋاملىق چىڭىتىپ، تۈرلۈك غەم ئەمدىشە ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىدا ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى ۋەزىيەتنى بىرلىكتە قوغداش لازىم. ئىككى قىرغاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ساھەسىدىكى كۆپلىگەن دوستلارنى ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئاتلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. تەيۋەندىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ساھەسىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر