باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشتى

2014.04.17 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-چېسلا نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجادا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 200 نەچچە ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى، شۇ كۈنى كەچتە نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قىزلار مەكتىپى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 100 نەچچە ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىندى.

  خەلق تورىنىڭ نىگېرىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لى لياڭ خەۋىرى: 14-ئاپرىل نىگېرىيەلىكلەر ئۈچۈن ئازابلىق بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە پايتەخت ئابۇجانىڭ شەھەر ئەتراپىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 75 ئادەم ئۆلدى، 215 ئادەم يارىلاندى. شۇ كۈنى كەچتە نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قىزلار مەكتىپى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 100 نەچچە ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىندى.

  نىگېرىيە تىنچلىق ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەھىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيەدىكى مىللىي ۋە دىنىي توقۇنۇشنىڭ چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشى بار، ھەرقايسى مىللەت ۋە دىن كۈچلىرىنىڭ سايلام يىلىدىكى كەسكىن توقۇنۇشى ئەسلىدىنلا جىددىي بولۇۋاتقان رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. نىگېرىيەدىكى ئىسلام ئاشقۇن قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىش يۈزلىنىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشى نىگېرىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپلا قالماي، مەزكۇر رايون ھەتتا پۈتۈن ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كەلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر