باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى

2014.04.18 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن تۆنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدىكى كۇرسانتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ليۇ يۈنشەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىر ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۈگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇش، پارتىيلىك كادىرلارنى سۆزنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. ليۇيۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مەركىزى گۇرۇپپىنىڭ ئۆگىنىش مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىي ئىنىستىتۇت، كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشچان، ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زېممىسىگە ئالىدىغان مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىرلاردىن بولۇشى كېرەك. نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق قىلىش، شەرھىلەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كايپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر