باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىغا يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

2014.04.18 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 16- ئاپرېل رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ مۇقىملىقىغا يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى، بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە قۇراللىق ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۇستىدە ئىزدەنمەيدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  ئوباما ئامېرىكا كولومبىيە رادىئو شېرىكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ ئۆتكەن ئايدا قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ھەرىكىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ھۆكۈمەت سىرتىدىكى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنى داۋاملىق قوللاش ئۇسۇلى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى-تەرز يەتكۈزگەنلىك. ئوباما مۇنداق دېدى: مەن رۇسىيىنىڭ مۇشۇنداق تەدبىر قوللانسا ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

  6-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئۇچ ئوبلاستتا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنادا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئىگىلىۋالدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ ئېتىراز بىلدۈرگۇچىلەرنى تېررورچى دەپ قارايدۇ ھەمدە تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر