باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى

2014.04.18 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلاردا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا كرىزىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پولشا، رۇمىنىيەنىڭ رازۋېدكا قىلىپ چارلىشىنى، بالتىق دېڭىزىدا ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى، شەرقىي قىسىمدىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتتى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى كارنىڭ 15-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ شتات كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيىسىگە قارىتا 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ قانۇنى تەرتىپنى قوللىدى. بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۆز دۆلەت خەلقىگە ئۇرۇش قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنى قوللىشىنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەك.

  رۇسىيە پىرېزىدېنتى پوتىن 15-ئاپرېل گېرمانىيە باش مىنسىتىرى مىركىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىۋاتقان ۋەزىيەت ئۇكرائىنانىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 16-ئاپرېل رۇسىيىنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلىپ، كرىزىس داۋامىدا ئۇكرائىنا ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ يەتمىدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۇكرائىنانى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ يەتتى دېيەلمەيمەن. ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇسۇلى مەسخىرە قىلىشدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  6-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دۇنېتسىك، خاركوۋ، لۇگانىسكدىن ئىبارەت ئۈچ شتاتىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشىدا ئۇكرائىنادا فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى، ھەمدە شتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىندى ۋە ئىگىلىنىۋېلىندى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تېررورچى دەپ قارىدى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر