باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى ماقۇللىدى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ

2014.04.17 13:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يېقىندا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى››(تۆۋەندە ‹‹بەلگىلىمە›› دېيىلدى)نى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  ‹‹بەلگىلىمە››دە ئارزۇ تولدۇرۇش، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى، تۈركۈم تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى:

  بىرىنچى، تولۇق كۇرۇس ئىككىنچى تۈركۈمدە ئارزۇ تولدۇرغاندا پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ. 2014 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق كۇرس بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، يەنى تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمدە ئۈچ ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، 1 – ئارزۇسى بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى تەڭداش ئارزۇ گورۇپپىسى قىلىنىپ، يەتتە تەڭداش مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپ تاللىنىدۇ؛ 2 –، 3 – تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە تولدۇرىدىغان ئارزۇ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئارزۇ بولۇپ، ھەر بىر مەكتەپتىن ئالتە كەسىپنى تاللاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئالىي كەسپىي(تېخنىكوم) مەكتەپلەرگە ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر ئارزۇ كېمەيتىلىدۇ، 2014 – يىلى ئالىي كەسپىي (تېخنىكوم) مەكتەپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئالدىنقى تۈركۈمدە ئۈچ مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇش ئىككى مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇشقا كېمەيتىلىدۇ، ئېشىپ قالغان پىلانغا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ.

  ئۈچىنچى، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى››نىڭ تەلىپى بويىچە، قائىدە – تۈزۈمگە خىلاپ ‹‹قوبۇل قىلىش››نى قەتئىي چەكلەيدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەدىنامىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئارزۇنى تولدۇرغان ھەم ئالاقىدار سىياسەت بويىچە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن چوقۇم نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالايدۇ، كېلىشىم ئىمزالاشنى سەۋەبسىز رەت قىلغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى بۇ مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكىدىن 20 نومۇر ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىشنى كونترول قىلىش نومۇر چېكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپلەر، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىدىن ھەر قانداق سەۋەب بىلەن دۆلەت بەلگىلىگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىن سىرت ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ.

  تۆتىنچى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى(نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى) ۋە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار پىلانىنىڭ ئارخىپ چىقىرىش تەرتىپى تەڭشىلىدۇ. ‹‹بەلگىلىمە››دە، نامرات رايونلاردىكى خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تولۇق كۇرۇس تۈركۈمىنىڭ پىلانىغا تولۇق كۇرسنىڭ نۆلىنچى – تۈركۈمىدىن كېيىن، 1 – تۈركۈمىنىڭ ئالدىدا ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئانا تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغانلار، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدا ئوقۇغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش تولۇق كۇرس تۈركۈمى پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرگە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس تۈركۈمىدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ‹‹پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ھەقسىز قوبۇل قىلىپ نىشانلىق تەربىيەلەش پىلانى››دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس قاتلىمى بويىچە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش تۈركۈمدىكى ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى تەتبىقلىنىدۇ، ئانا تىل، خەنزۇ تىلى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  بەشىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي (تېخنىكوم) مەكتەپلەر تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ‹‹بەلگىلىمە››گە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا نورمال ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، قايتا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ياكى ئالماشتۇرۇشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرۇش داۋامىدا، تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى شۇ مەكتەپنىڭ ئالىي تېخنىكومىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ %10ىدىن ئېشىپ كەتكەن مەكتەپلەر، مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ھەم مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىدا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى ئالماشتۇرۇلمايدۇ. قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ قايتىدىن تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئارزۇسىنى تولدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  ئالتىنچى، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى تەڭشەلدى. 2014 – يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇسابىقە رايونىدا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ كوللېكتىپ تۈرلىرىدە ئالدىنقى ئالتىنچىلىككىچە ئېرىشكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى ۋە نومۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي نومۇرىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ‹‹بەلگىلىمە››گە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (.xjzs.cn www)دىن ياكى ‹‹شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش›› تېڭشۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن كۆرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر