باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 17-ئاپرېل ئاياغلىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلايدۇ

2014.04.17 13:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 17-ئاپرېل ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، شۇ كۈندىن كېيىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى باش مەلۇماتچى جاڭ جۈنلەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 17-ئاپرېل شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتېغىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، قومۇلنىڭ شىمالىدا قىروۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن.

  16-ئاپرېل كېچىدىن 17-ئاپرېلغىچە، شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى رايونلار، تەڭرېتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇلنىڭ شىمالى، بايىنغۇلىننىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 9 بال قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

  16-ئاپرېل كېچىدىن 18-ئاپرېلغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە تۆت بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئويمان رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا توپا ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 5 ~ 3 سېلتسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 14- ئاپرېل تارقاتقان قىراۋ ئۈششۈكىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇپ، شەرقىي شىنجاڭ شامال ئېغىزلىرىدا شامال بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، قاتناشقا بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدە 16-ئاپرېل كېچىدىن 17-ئاپرېل كۈندۈزگىچە يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلىنىدىكەن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0 سېلتسىيە گىرادۇس، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8 سېلتسىيە گىرادۇس بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر