باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تورداشلار يازمىلىرىدا ئىنكاس قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى ئېلان قىلىندى

2014.04.18 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 16-ئاپرېل تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش مەلۇم قىلىش بىۋاسىتە مەخسۇس تېمىلىق ئىز قوغلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تارقاتتى؛ قىسمەن تورداشلارنىڭ تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش ھەققىدە قالدۇرغان مەخپىي يازمىلىرىنى ئېلان قىلدى.

  تورداشلار يازمىلىرىدا ئىنكاس قىلغان تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى ئاساسلىقى مۇنداق يەتتە تۈرگە بۆلىنىدۇ.

  1.پۈتۈننى پارچە قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئاتچوت قىلىش يەنىلا مەۋجۇت.

  2.ئېلېكترونلۇق سوۋغا كارتىسى، ئالدىن پۇل تۆلەش كارتىسى،سوۋغا يوللاش ۋە سوۋغا قوبۇل قىلىش ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى يېڭىلاش.

  3.ئېغىزىدا چىرىكلىشىش دېسىمۇ، لېكىن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ،راھەت-پاراغەتكە بەكمۇ بېرىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش.

  4.ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن شەخسىي ئاپتوموبىلىنى بېقىش.

  5.ئىشخانىغا يىغىنخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئېسىش، خىزمەت قىلىدىغان ئۆيلەرنى ئېنىقلاش قىيىن بولۇش.

  6.مۇكاپات تولۇقلىما پۇلنى ئىلگىرىكىدەك ئېلىش، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن پاراۋانلىق تارقىتىش.

  7.خىراجەتنى كۆپەيتىپ كۆپ مەبلەغ سېلىپ خاتالىقىنى چاندۇرماسلىق، سوۋغا پۇلىنى قوبۇل قىلىپ توپ سېتىشنى پارچە سېتىشقا ئۆزگەرتىش.

  ئىگىلىنىشىچە،8-ئاپرېل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش مەلۇم قىلىش بىۋاسىتە مەخسۇس تېمىلىق ئىز قوغلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تورداشلارنىڭ نازارەت قىلىش مەلۇماتىنى قوبۇل قىلغان. ھەر ھەپتىدە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تورداشلارنى ئايلىق e تېمىسى بېتىدە تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى پاش قىلىشقا ئۈندىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر