باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2014.04.18 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىپ مۇزاكىرە قىلىندى، 2014-يىلى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» تەرەققىيات تەدبىرلىرى بېكىتىلدى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە قوللايدىغان باج ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق ھىسابلاندى: بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم بولدى. شۇنى كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ، بەزى قېيىنچىلىقلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، جەزمەن كۈچنى ساقلاپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زېممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكىلاتتا» بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدىكى دوكىلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكىلاتتا» ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى بارلىق خىزمەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش تەلىپى بويىچە، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنىڭ» تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىنى كۈچەيتىش- ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، شەھەر يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى:

  بىرىنچى، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئاساسىي گەۋدىسىنى بېيىتىش كېرەك. يېزا ئىناۋەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت بازارلىق بانكىلارنى يېتىلدۈرۈش، پۇقراۋى كاپىتالنىڭ پاي ھوقۇقى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپىگە مەبلەغ سېلىش فوندى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» غا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى بىرىكتۈرۈپ زورايتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى قويۇپ بېرىشنى كۈچەيتىش. تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناھىيە رايونلاردىكى يېزا، سودا بانكىلىرى ۋە ھەمكارلىق بانكىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوند نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش. ناھىيە رايونلاردىكى بانكا كەسىپى قانۇن ئىگىسى ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئامانەپ پۇلىنى يەرلىككە بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېزىلاردىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتىكى ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. چەت يىراق جايلارنىڭ يېزا بازارلىق ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن پۈتۈنلەي قاپلىنىش دائىرىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  تۆتىنچى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئىناۋەتلىك قەرز جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور ئاپەتلەرنىڭ خەۋپىنى تارقاقلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  بەشىنچى، يېزا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۇل مۇئامىلە ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى، رەنىگە قويۇپ كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قەرز پۇلدا مالىيەدىن مۇكاپاتلاش، دېھقانلارغا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش باجدا ئېتىبار بېرىش ۋە يېزا ئىناۋەتلىك قەرز زېيىنىغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇددىتى توشىدىغان نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان باج ئىسلاھاتىنى 2016-يىلى 31- دېكابىرغىچە ئۇزارتىش ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى. بىرىنچى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان كەسىپ ۋە خادىملارنىڭ دائىرە چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىشسىز دەپ تىزىمگە ئالدۇرۇلغانلار ئىشقا قۇبۇل قىلىنسا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇش. ئىككىنچى، باج ئېلىشتىكى ئېلىۋېتىدىغان سوممىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش. يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار دۆلەت بەرگەن بەلگىلىك باجنى ئېلىۋەتكەندىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ باجدا ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېلىۋېتىلدىغان باج ھەققىنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، يەرلىك مائارىپنى باجنى كېمەيتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش. تۆتىنچى، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇش، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى باشقۇرۇشنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشتىن ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر