باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە (شەھەر) دىن 12 سى كۆپەيدى

2014.04.17 13:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر 42 ناھىيە (شەھەر) دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

  جۇڭ شيۇلىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 12 ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى دۆلەتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى 2 – تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە(شەھەر) قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇلتۇرقى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە(شەھەر)لەرنى قوشقاندا، ھازىر شىنجاڭدا ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە(شەھەر) 42گە يەتكەن.

  دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ دوختۇرخانا ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى بىرلىشىپ تارقاتقان ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى 2 – تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيەلەرنى بېكىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۇچا ناھىيەسى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، قۇمۇل شەھىرى، كۈنەس ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، جىڭ ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى 2 – تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە(شەھەر) قىلىپ بېكىتىلدى.

  بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ھەرىكىتى، مۇلازىمەت تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مۆلچەرىي ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي لىنىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىدى. شۇنداقلا ھازىرقى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، داۋالاش خادىملىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈردى، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تارماقلارغا بۆلدى، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىچانلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 3 – ئايدا دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› تارقىتىپ، 2014 – يىلى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى %50تىن يۇقىرى ناھىيە(شەھەر)دە يولغا قويۇشنى، 2015 – يىلى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر