باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يېزا ئىگىلىكىگە 7 مىليارد 960 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى

2014.04.18 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئاپتونوم رايون زامانىۋى دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار، چارۋىچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى، چارۋىچىلار سېلىنمىسى مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى يىلمۇ يىل تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرگەن.بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاممىۋى مالىيە چىقىم خامچوتى ئارقىلىق داۋاملىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار، چارۋىچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ،چارۋىچىلار سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ،سۇچىلىققا 7 مىليارد 960 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىل ئالدىنقى يىل بېشىدىكى خامچوتتىن 1 مىليارد 210 مىليون يۈەن يەنى %17.9 ئاشقان. بۇ ئادەتتىكى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن يۇقىرى ئىكەن. يېزا ئىگىلىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاشۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئايماقلىق، شەھەرلىك،خوشۇن، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ سېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلسىمۇ يېزا ئىگىلىك چىقىمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار سېلىنمىسى چىقىمىنى ھەم تارايتماسلىق ھەم كېڭەيتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئايماقلىق، شەھەرلىك، خوشۇن، ناھىيەلىك مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سېلىنمىسى يىللىق نەتىجە باھالاش، مۇكاپاتلاش ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش مەبلىغىنى تەقسىملەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر