ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ئەبەي ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى : 14- ئاپرېل كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزىسىنىڭ ئونىۋېرسال بازىرى رەسمىي ئېچىۋېتلدى. ئىلگىرى بۇ يېزىدا بازار يوق بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلار ۋە تىجارەتچىلەر سودا- سېتىق ئىشلىرىنى كوچىلاردىلا پۈتتۈرەتتى. مۇقىم سودا بازىرى، بېكەت يوق بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانىدى. 2012- يىلى، بېھشىباغ يېزىسى بازار قۇرۇلۇشىغا سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق سەككىز مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بازار قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 4- ئايدا بازار قۇرۇلۇشى پۈتتۈپ، 14- ئاپرېل بازار رەسمىي سىرتقا ئېچىۋىتىلدى. ئىگىلىنىشچە ، بازار ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ يېزىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىلىدىكەن.
سۈرەتتە: 14- ئاپرېلدىكى بېھشباغ يېزىلىق سودا بازىرىدىن كۈرۈنۈشلەر ......