باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ۋەكىلى: جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېزراق سۆزلىشىشىنى قوللايمىز

2014.04.18 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جېيى 16-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تېزراق سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىشىنى قوللايدۇ،دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ئوچۇق يىغىن ئاچتى. ليۇ جېيى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلدى. ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ليۇ جېيى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە- ھەر قايسى تەرەپلەر قانۇن ۋە تەرتىپ رامكىسى ئىچىدە سۆزلىشىش ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى رايون، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە تەكلىپىگە تولۇق كۆڭۈل بۆلۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر