باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.04.16 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئاپرېل مەركەز دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت بىخەتەرلىك يولىدا مېڭىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاش-بىزنىڭ پارتىيە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا باش-ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم پىرىنسىپىمىز. پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ 1-مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەزمۇنى ۋە سىرتقا يۈزلىنىشى تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن مول، ماكان-زامان ساھەسى تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن كەڭ، ئىچكى، تاشقى ئامىللار تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىن مۇرەككەپ بولماقتا، ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى باش مەقسەت، سىياسىي بىخەتەرلىكنى نېگىز، ئىقتىساد بىخەتەرلىكىنى ئاساس، ئارمىيە، مەدەنىيەت، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەت، خەلقئارا بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ قىلىپ، جۇڭگوچە بىخەتەرلىك يولىدا مېڭىش كېرەك. ئومۇمىي بىخەتەرلىك قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تاشقى، ئىچكى، دۆلەت زېمىنى، پۇقرالار بىخەتەرلىكى، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىككە ھەم تەرەققىيات، بىخەتەرلىك مەسىلىسى، ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئورتاق بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە قۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئورتاق بىخەتەرلىك نىشانىغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر