باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ %7.4 ئېشىدىن تارقالغان ئۇچۇر

2014.04.18 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ1-پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 16-ئاپرېل جامائەتچىلىككە جاكارلاندى. 1-پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ماكرو ئىقتىسادنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى ليۇ شۇچېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 1-پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولۇش،ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى مۇقىم ۋە كۆپ بولۇش، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇقىملىق كۆرۈلدى.

  1-پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن بىر قەدەر ياخشى بولدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىدا يېڭى ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتتى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىي ماكرو ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىستېمالغا تېخىمۇ تايىنىلماقتا؛مۇقىملىقى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. گەرچە 1-پەسىلدە ئىقتىساد يۈرۈشىنىڭ باشلىنىشى مۇقىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن سان سىپىرلار كىشىلەرگە تۆۋەنلەش بېسىمى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە خېيىم خەتەرنىڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقانلىقىدەك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان قىسمەن مەسىلىلەر مەركەزلىك پاش بولماقتا. ليۇ شۇچېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى مۇنداق ئىككى چوڭ پەسەيتىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

  1.مۇھىم ساھەلەردىكى قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىشنى پەسەيتىش.

  2.يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خېيىم خەتىرىنى پەسەيتىش. بۇ جەزمەن كىرىدىت بىلەن تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش ھەتتا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

  دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادنى مۆلچەرلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جيۇ باۋلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىقتىساد يۈرۈشىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى كۆرۈنەرلىك . ئۆي مۈلۈك بازىرىدا تەڭشىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش سەھنىسى قەرز قايتۇرۇش يۇقىرى دولقۇنىغا قەدەم قويدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىشنى پەسەيتىش ئىش ئورنىدىن قىلىش ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە يولۇقماقتا. بىراق بۇ خىل خاھىش قاتارلىق مەسىلىلەر پۇل مۇئامىلە خېيىم خەتىرىدىن سەگەك بولۇشىمىز لازىملىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قوللىنىپ، سىياسەت تەييارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. گەرچە قوزغىتىش سىياسىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ ھاجىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ئاجرىتىش؛ مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ بېجىنى ئازايتىش ياكى كېمەيتىش ۋە يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش لازىم.

  نۆۋەتتىكى ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادتىكى مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھلىل دوكلاتىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: مۇقىم بولغان پۇل سىياسىتىنى مۇۋاپىق جانلىق قوللىنىپ، ئاشكارا بازار مەشغۇلاتىنى مۇنتىزىم ھەرىكەتچان تەڭشەش يولغا قويۇلسا؛بازارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، سودا بانكىلىرى ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پائال يېتەكلەنسە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر