باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاتۇشتىكى سەيلىگاھلار

2014.04.17 10:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەدىمىي يۇرت ئاتۇش ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ كۆپ ۋە مۇھىملىقى جەھەتتە ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى مەھلىيا قىلىپ كەلدى.

  ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ئاتۇش شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى مەشئەت كەنتىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قەبرىستانلىقى ‹‹ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى››بار. بۇ مازاردا قاراخانىلارنىڭ 3 – ئەۋلاد خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 14 قەبرە بار. بۇ مازار قەبرىستانلىق ، مەسچىت ۋە ھويلىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. بۇ مازار ‹‹جۇڭگودىكى مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەر لۇغىتى›› گە كىرگۈزۈلگەن.

  ئۈچ ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى ئاتۇش شەھىرىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان چاقماق دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تاغ باغرىدا ‹‹ئۈچ ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى ›› بار. ئارخېئولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ ئۆڭكۈر مىلادى 2 – ئەسىردە ياسالغان بولۇپ، 1800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ بۇت بولغاچقا ،‹‹ئۈچ ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى›› دەپ ئاتالغان . ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكىرىسىدە ئوڭ قولىدا قورسىقىنى تۇتۇپ، سول قولىنى تەبىئىي تاشلاپ تۇرغان يېرىم يالىڭاچ بىر بۇتنىڭ رەسىمى بار، ئۇ قىزىل، يېشىل، كۆك رەڭلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ بويالغان. بۇنداق رەڭ بېرىش بۇددا دىنى رەسىملىرىدە كەم ئۇچرايدۇ.

  جايپاتچىم جىلغىسى ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 18 كىلومېتىر نېرىدا ‹‹جايپاتچىم››دەپ ئاتىلىدىغان بىر جىلغا بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ جىلغا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان پاناھلانغان جاي ئىكەن ،كېيىن بۇ يەر مۇسۇلمانلار تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ قالغان . جايپاتچىم نۇرغۇن مازاردىن تەركىب تاپقان ، ئەتراپىدا ئۈچ تۈپ قەدىمكى سۆگەت، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى، بۇلاق ، مەسچىت ۋە ئوتتۇرىسى قىزىل ،ئۈستىدە تاۋۇز ئۇرۇقى شەكىللىك چېكىتلەر بار بىر پارچە تاش بار. قەدىمكى سۆگەتلىك ئاتۇش شەھىرى قاراجۇل يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغ جىلغىسىدا بىر قەدىمكى سۆگەتلىك بار. بۇ سۆگەتلىكنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 48 مو بولۇپ ، 75 تۈپ سۆگەت بار، كۆپ قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 15 – 18 مېتىر، غولىنىڭ ئايلانمىسى 2.5 مېتىر كېلىدۇ. سۆگەت شاخلىرىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا يېيىلىش كەڭلىكى 26 مېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى 52 مېتىر بولۇپ، سۆگەتلەر يەر بېغىرلاپ ئۆسۈپ قايتا يىلتىز تارتقان ۋە يەنە يۇقىرىغا تولغىنىپ، بىر – بىرى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ، ھەر بىر تۈپ سۆگەتتە 35 – 40 قىچە چوڭ شاخ بار. يازدا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سالقىن بولغاچقا ، ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر