- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گېرمانىيە شەرقىي ياۋروپا رايونىغا ئۇرۇش ئايروپىلان بىلەن ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ
2014.04.18 09:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گېرمانىيەدە چىقىدىغان ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 16-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە: گېرمانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپا رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى ئەزا دۆلەتلىرىگە 6 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كرىزىسىنى قۇراللىق ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر