باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ب د ت دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى: ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توقۇنۇشىنى توسۇش كېرەك

2014.04.18 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 16-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: ئالدىنى ئىلىش ۋە توقۇنۇشنى توسۇش ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىشنىڭ تۈپ يولى.

  رىۋاندادىكى چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ۋاڭ مىن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: دىن ۋە مىللىي زىددىيەت، تەرەققىيات قىلماسلىق ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مىللەتلەر مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ھەمدە ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ھەتتا قانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ يوشۇرۇن سەۋەبى. توقۇنۇشنى توسۇش ۋە چەكلەشنىڭ تۈپ مەنبەسى ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ كەڭ قۇرساق بولغان سىياسىي سۆزلىشىش ۋە مىللىي يارىشىشى مۇساپىسىغا تۇرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىناق ئىتتىپاق بولغان تىنچ مۇھىتنى يارىتىشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر