باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تىل ــ ئاپتور، ئەقىل ــ رېداكتور

ئەكبەر ۋەلى

2013.09.11 15:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىزىقارلىق بۇ مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەپەككۇر بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. ‹‹تەھلىل قىلىش – ھېكمەتلىك ئىش›› دېيىشكىنىدەك، تەپەككۇر ھەم قىزىقارلىق، ھەم خاسىيەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. تەپەككۇر بىر قەدەر كەڭ مەنىدە بولۇپ، تەھلىل قىلىش، يىغىنچاقلاش، ھۆكۈم قىلىشلاردىن باشقا سەزگۈ، ئىدراك، خاتىرە، تەسەۋۋۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇ دىققەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەزگۈ بىلەن ئىدراك تەپەككۇرنى تاشقى ۋە ئىچكى دۇنيادىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەسەۋۋۇر ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ يېڭى ئوبرازلارغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇ پىسخولوگىيەدە بىلىش جەريانىغا قاتنىشىدىغان پىسخىك فۇنكسىيەلەر ئىچىدە <<تەسەۋۋۇرغا ئوخشاش ئۆزىنى – ئۆزى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئوبيېكتقا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىدىغان بىرمۇ فۇنكسىيەلىك پىسخىكا يوق>> (ھىيوگو) دەپ قارىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى بىلىشتىكى رولىغا قاراپ ‹‹تەسەۋۋۇر – تەپەككۇرنىڭ كۆزى، روھىيەتتىكى مىكرو دۇنيانى كۆرسىتىدىغان مىكروسكوپ، ئالەمنى كۆزىتىدىغان تېلېسكوپ›› دەپ تەرىپلىنىدۇ. ‹‹پىكىر قىلسام مەۋجۇت بولىمەن›› (دىكرات) دەپ ئېيتىلغاندەك، ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى پىكىر قىلىش ئارقىلىق بىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. پىكىر قىلىش – سىزىقلىق (لوگىكىلىق) پىكىر قىلىش، چاچما پىكىر قىلىش (كۆپ مەنبەلىك پىكىر قىلىش)، روشەن پىكىر قىلىش (ئاۋاز چىقىرىپ سۆزلەش)، يوشۇرۇن پىكىر قىلىش (كۆڭلىدە سۆزلەش) قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى تەپەككۇر بولسۇن، ھەممىسى تىل ئارقىلىق جارى بولىدۇ ۋە تىل ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا تىل بىلەن تەپەككۇر بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  توغرا تەپەككۇر شەخسلەر تۈگۈل ھەتتا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغىمۇ ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەپەككۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ قىياپىتىنىڭ تېزدىن ئۆزگىرىپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋىلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى ئېنىق مىسال بولىدۇ.

  ئەقلىي قابىلىيەت چۈشىنىش قابىلىيىتى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتى، ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدىغان يۈكسەك ۋە مۇرەككەپ پىسخىك فۇنكسىيە ھېسابلىنىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىگىلەش ۋە ئەتراپلىق پىكىر قىلىپ ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  داۋاملىق پىكىر قىلىش ئەقىلنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يادروسى بولۇپ، بىلىمنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش، ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىش ئەقىلنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆزگىرىپلا قالماستىن، ئەقلىي قابىلىيىتىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بىلىم ئىگىلەش، پىكىر قىلىش، ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئەقىلنى يېتىلدۈرۈشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ مۇھىم ئامىلى. ئادەتتە ‹‹زېھىن باشقا، ئەقىل باشقا›› دېيىلگىنىدەك، دىققەت قىلىش قابىلىيىتى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، ئىنكاس قايتۇرۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك، پىكىر قىلىشى تېز ئادەملەرنى زېھىنى ئوچۇق، ئەقىللىق ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.

  ‹‹ئەقلىي قابىلىيەت قانچىكى تەرەققىي قىلسا، كومېدىيە شۇنچە نەتىجىلىك بولىدۇ›› (چاپلىن) دېگەندەك، ئەقلىي قابىلىيەت تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئىپادىلىنىدۇ. گەرچە ئەقلىي قابىلىيەتنى ھەممە ئادەم بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەتتا پىسخولوگلارمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئەقىلگە قارىتا نوپۇزلۇق ئېنىقلىما بېرىلمىدى. لېكىن ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تەلۋىلىك قىلماسلىق، قالايمىقان سۆزلىمەسلىك، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، چوڭچىلىق قىلماسلىق، خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش، سەمىمىي بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش، ۋەتەننى، خەلقنى، ئىلىم – پەننى قىزغىن سۆيۈش قاتارلىقلار ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئېنىقراق ئېيتقاندا ‹‹كۆزىتىش بىلەن تەجرىبىنى تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئەقىل ھېسابلىنىدۇ›› (گانچاروۋ). ئەقىللىقلىق ئادەمنى قايىل قىلىدۇ. شۇڭا پەيلاسوپلار‹‹دۇنيادا ئەقىلدىن بەتتەر ئادەمنى تېخىمۇ ھۆرمەت قىلدۇرىدىغان (چوقۇندۇرىدىغان) نەرسە يوق›› دېيىشىدۇ.

  ئەقلىي قابىلىيەت ئاڭغا ئوخشاش بىلىش جەريانىنىڭ بارلىق ھالقىسىغا نىسبەتەن يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كونكرېت ئىش – ھەرىكەتكە نىسبەتەن بىر قەدەر مۇۋاپىق، قولاي ئۇسۇللارنى ۋە ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ھەم ئىش – ھەرىكەت ۋە تىل – تەپەككۇرلارنى ئىجتىمائىي قائىدە – قانۇن، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت، ئەدەب – ئەخلاق، ئادەت – يوسۇنلارنىڭ مۇقامىغا سېلىش، ئۆلچەم مەيدانىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، پەيلاسوپلار تىل، تەپەككۇر بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى خاراكتېرلىك قىلىپ ‹‹تىل ــ ئاپتور، ئەقىل ــ رېداكتور(مۇھەررىر)›› دەپ تەرىپلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر